Haber Giriş:
ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش، دۆلەتكە كىرىپ 5 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى روبېرتو سپېرانزا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر تەكشۈرۈش، ئىتالىيەگە كېلىپ، 5 كۈنلۈك كارانتىن ئاستىدا تۇرغاندىن...