Haber Giriş:
ئىستانبۇل ماي ئېيىدا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋىلىشتا رېكورت ياراتتى

ئىستانبۇل ماي ئېيىدا 1 مىليون 402 مىڭ 366 چەتئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، يېقىنقى 33 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ساياھەتچى كۈتۈۋىلىش رېكورتى ياراتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك كۈلتۈر ۋە ساياھەت باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا شەھەرنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 5 مىليون 284 مىڭ 714 كە يەتكەن. ماي ئېيىدىلا 1 مىليون 402 مىڭ 366 كىشى ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغان....