Haber Giriş:
ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى پەلەستىنلىك سابىق پارلامېنت ئەزاسىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ رەھبىرى خالىدە جەررارنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى زامىرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باياناتچىسى ھىبا ھامارشەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راماللاھنىڭ غەربىدىكى ئىسرائىلىيە ئوفېر ھەربىي سوت مەھكىمىسى، خالىدە جەررارنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ۋە 4000 شېكېل (تەخمىنەن 1200 دوللار) جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان....