Haber Giriş:
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە – قاپلان زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ تىنىقى تېررورچىلارنىڭ گەجگىسىدە. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە – قاپلان زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قەھرىمان كوماندىر جەڭچىلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى....
-
31.03.2023