Haber Giriş:
ئىراقلىق شىئە رەھبەر ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىراقتىكى «ھەشدۇششەئبى» ھەرىكىتىگە قاراشلىق «ئەسھابى ئەھلىلھەق ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى قەيس ھازالى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىد سالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازالى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراق - سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەشدۇششەئبى ئەسكەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكا ئىراق خەلقىنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلمەسلىكى مەسىلىسىگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە قان تۆكۈش ئارقىلىق ئۇرۇشنى يېڭى بىر نۇقتىغا كۆتۈردى. ياشلىرىمىز (ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار)نىڭ ق...