Haber Giriş:
ئىران يېڭى يادرو قورالى تەتقىقاتىنى باشلىدى

ئىراننىڭ ب د ت نىڭ ۋىيېننادىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كازىم گارىب ئابادى: «تېھران تەتقىقات رېئاكتور قازىنى ئۈچۈن يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېقىلغۇ تۈرىنى لايىھەلەش تەتقىقاتىنى باشلىدى» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كازىم گارىب ئابادى يادرو يېقىلغۇسى ئۈچۈن تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدە تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىلغۇنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۇنجى قەدەمدە مېتال ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تەبىئىي ئۇران ئىشلىتىلىدۇ» دېدى....