Haber Giriş:
ئامېرىكا ئۇكرائىنا قوشۇمچە بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)، ئۇكرائىنانى ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 820 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، بۇ قوشۇمچە ياردەمنىڭ 50 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئامېرىكا قورال زاپىسىدىن قورال بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى دائىرىسىدە، 770 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش پىلانى دائىرىسىدە بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى....