Haber Giriş:
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەۋەلىكىدىكى تەخمىنەن 320 مىڭ ۋېنېزۇئېلالىق كۆچمەنگە «ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتى» بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىر ئالېساندرو مايوركاس ۋېنېزۇئېلانى — 2022 - يىلى 9 - ئايغىچە — 18 ئايلىق ۋاقىتلىق قوغدىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە قوشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى....