Haber Giriş:
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا كېلىشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە بىلەن تۆمۈر يول ۋە تاشيول ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زانگەزۇر كارىدورىنى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى....