Haber Giriş:
ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابى ئەرەبلەر ئارىسىا زور قىزىقىش قوزغىدى

قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن 31-نۆۋەتلىك دوھا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابى كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھامىد بىن خەلىفە ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۇرا ياماچ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتاب 31-نۆۋەتلىك دوھا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە نەشرىياتنىڭ ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىنغان كىتابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان....