Haber Giriş:
ئەردوغان: ئېزىلگۈچىلەر نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىز قەتئىي

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بارلىق ئېزىلگۈچىلەر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار نامىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «2021 – يىللىق < TRT World مۇنبىرى» يىغىنىغا يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، ئىنسانىيەتنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىنسانىي تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك ساغلاملىق كرىزىسىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جەريان...