Haber Giriş:
ئەردوغان ئەلىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ 60 – تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋگە تېلېفون قىلىپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىلىكىگەنلىكىنى ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلىگەنلىكىنى؛ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى....
-
09.02.2023