Haber Giriş:
ئەردوغان تۈرك كېڭىشى باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) نىڭ باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى قوبۇل، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.