Haber Giriş:
ئەردوغان بۈگۈن ئىسپانىيەگە بېرىپ ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئىسپانىيەگە بېرىپ، 28-30-ئىيۇن كۈنلىرى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىن»غا ئىشىتراك قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا - ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىكى دۇچ كەلگەن تەھدىت ۋە خىرىسلارغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ناتوغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ، ناتونىڭ يالتايتىش كۈچى ۋە مۇداپى...