Haber Giriş:
ئەردوغان 29-ئۆكتەبىر تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: <<پۈتكۈل خەلق ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز بولغان ئىتتىپاقلىقىمىزغا، باراۋەرلىكىمىزگە ۋە قېرىنداشلىقىمىزغا مەھكەم ئېسىلىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك تۈركىيە دەۋامىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز>> دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ۋىدېئو تېلېگراممىسىدا: <<مەملىكەت ئىچىدە ۋە مەملىكەت سىرتىدا ياشايدىغان پۇقرالىرىمىز بىلەن شانلىق تارىخىمىزنىڭ ئالتۇن ھالقىلىرىدىن بىرى بولغان شەرەپلىك كۈنىمىزنى بىز بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلاشقان بارلىق دوستلىرىمىزنىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. جېنى بەدىلىگە بۇ ۋەتەننى بىزگە ئامانەت قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. ئوخشاش مۇقەددەس دەۋا ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندا، غازىلىق شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرگە شەخسىم، دۆلىتىم ۋە خەلقىم نامىدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن> دېدى.
ئۇ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 98-يىللىقىدا، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن قەھرىما...
<مەملىكەت>-
04.02.2023