Haber Giriş:
تۈركىيەنىڭ خامسى بېلىقى ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا خامسى بېلىقى ئېكسپورتى ئارقىلىق 1 مىليون 700 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە 1-ئايدىن 2-ئايغىچە 18 دۆلەتكە 362 توننا خامسى بېلىقى ئېكسپورت قىلدى.
بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئەڭ كۆپ خامسى بېلىقى ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولدى.