Haber Giriş:
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 179 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 179 كىشىىگە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 352 مىڭ 438 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 19 مىڭ 95 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 816 كىشىگە يەتتى.
...