Haber Giriş:
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا يەنە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەۋەتتى

تۈركىيە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەنە 20 مىڭ قۇتىلىق «سىنوۋاك ۋاكسىنىسى» ئەۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «سىنوۋاك ۋاكسىنىسى» قاچىلانغان تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئائىت جىددىي قۇتقۇۇش ئايروپىلانى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 09.30 دا ئەرجان ئايرودۇرۇمىغا قوندى، ئاندىن ۋاكسىنىلار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى....