Haber Giriş:
تۈركىيە ناتودىكى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

تۈركىيە 1-يانۋار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئەڭ يۇقىرى تەييارلىق ھالىتىدىكى ھەربىي قىسىم بولغان «ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەسىدىكى بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى»نىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىن قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان فىرانسىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى بىر يىل بويىچە ناتو قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
...