Haber Giriş:
تۈركىيە گىرېتسىيە قايتىشقا مەجبۇرلىغان ئونلارچە پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالدى

ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 71 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر تۈركۈم پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغان دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى، رايونغا قۇتقۇزۇش كېمىسى يوللاپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان كامېر كېمىدىكى 28 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى....