Haber Giriş:
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا قوشنا دۆلەتلەرگە مال ئېكسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇلغارىيە، گرۇزىيە، ئىراق، ئىران، سۈرىيە ۋە گرېتسىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 25.4% ئېشىپ، 11 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئايدىكى ئېكسپورت نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %20 ئېشىپ 126 مىليارد دوللارغا يەتكەن ۋە تۈكىيەنىڭ قوشنىلىرى بىلەن تاشقى سودىسى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن....