Haber Giriş:
تەيۋەننىڭ ئىككى ئايروپىلانى سوقۇلۇپ كەتتى
تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە «F-5E» ئۇرۇش ئايروپىلانى، پىڭتۇڭ ناھىيەسى ئەتراپىدا ئۇچۇۋاتقاندا سوقۇشۇپ كېتىپ تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەشىق ئۇچۇشى ئۈچۈن تەيتۇڭنىڭ جىخاڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن تۆت دانە «F-5E» ئايروپىلاننىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئىككى دانىسىنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇشۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇچقۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاراشوت بىلەن سەكرىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى....