Haber Giriş:
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 10 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ ئەرىيھە ناھىيەسىدىكى بىر بازارغا قىلغان ھۇجۇمىدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 35 پۇقرا يارىلاندى.