Haber Giriş:
شولز شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بەردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قوبۇل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر شولز ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. ھەر ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقداشلىقىمىزغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ» دېدى....