Haber Giriş:
شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئوسكار ستېنستروم بىلەن فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇككا سالوۋارا باشچىلىقىدىكى شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرىنىڭ بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى....
-
30.06.2022