Haber Giriş:
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلان ترابزونغا يېتىپ كەلدى

ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قوزغالغان بىر ئايروپىلان 172 كىشىلىك ساياھەت ئۈمىكىنى ئېلىپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ترابزونغا يېتىپ كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەتچىلەر ترابزون ئايرودرومىدا گۈل - چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىندى؛ ترابزون ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇئاۋىن دېرىكتورى مۇستافا ئاسان ۋە تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى جەمئىيىتى شەرقىي قارا دېڭىز رايونى رەئىسى ۋولقان كانتارجى يولۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇچقۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىغا گۈل تەقدىم قىلدى....
-
13.08.2022