Haber Giriş:
مۇھەممەد يۇنۇس ئەلمەنفى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد يۇنۇس ئەلمەنفى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىشىدىن كېيىنكى تۈركىيەگە قىلىنىدىغان بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىلتىزى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن....
-
14.04.2021