Haber Giriş:
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاجىكىستاندا تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۇشەنبەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئاندىن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەبەردى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك دۇنياسىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى....