Haber Giriş:
كاننېس كىنو - فىلىم فېستىۋالى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلدى

5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 74- نۆۋەتلىك كاننېس كىنو - فىلىم فېستىۋالى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن 7- ئايغا كېچىكتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاننېس كىنو - فىلىم فېستىۋالى تەشكىللىگۈچىلەر ھەيئىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كىنو - فىلىم دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان فېستىۋالنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن 11- ماي بىلەن 22- ماي ئارىلىقىدا ئەمەس، 6-ئىيۇلدىن 17- ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى....