Haber Giriş:
خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېللىي كرافتنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭنىڭ كرافتنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكى، تەيۋەننىڭ «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق رەسمىي ئالاقىگە قەتئىي قارشىدۇ...