Haber Giriş:
كەتابىئى ھىزبۇللاھ ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىراقلى قوراللىقلىرىدىن تەشكىل تاپقان كەتائىبى – ھىزبۇللاھ (ھىزبۇللاھ بىرىگاداسى)، 10 - ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى كابىنېتقا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەتائىبى ھىزبۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئىراق خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى مۇسادىرە قىلغانلار، زىئونىست (ئىسرائىلىيە) – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى - سەئۇدى ئەرەبىستان ئىتتىپاقىدىن ياردەم ئالغانىدى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى....