Haber Giriş:
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا (تىنچلىق) مۇساپىسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، بايدىن بىلەن ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئۇچرىشىدىغان بولۇشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى....