Haber Giriş:
گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىرقچى ئۇچۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى
گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئۆزئارا يېزىشقان ئۇچۇرلىرىدا 16 ياشلىق بىر تۈرك قىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا «يەنە بىر تۈرك ئازايدى» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەنلىكى پاش بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرى، روتتېردام ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق ساقچىلارنىڭ ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىدىكى «ئىرقچى ئۇچۇرلىرى» نىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.