Haber Giriş:
گىرېتسىيە: تۈركىيە بىزگە ياردەم تەكلىپى سۇندى

گىرېتسىيە، لارىسادا يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ لارىسادا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن (گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) نىكوس دېندىئاسقا تېلېفون قىلىپ، گىرېتسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. تېلېفون سۆھبىتىگە گىروزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد زا...