Haber Giriş:
دائېشنىڭ دىيالادىكى ھۇجۇمىدا 11 ئادەم قازا قىلدى

ئىراق ھۆكۈمىتى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدا سادىر قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دائېشنىڭ دىيالادىكى بىر يېزىغا قاراتقان ھۇجۇمىدا بىر نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 11 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
...