Haber Giriş:
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك تەشكىلاتى كاتتىۋېشىنىڭ ئايالى قولغا ئېلىندى
«ئېل چاپو» لەقەملىك مېكسىكالىق زەھەرلىك چېكىملىك پادىشاھى جوۋكۇئىن گۇزماننىڭ ئايالى ئېمما كورونېل ئايسپورو ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى يىل ئىلگىرى «ئېل چاپو» نىڭ سوتىغا دائىم دېگۈدەك قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئېمما كورونېل ئايسپورو، بۈگۈن ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ دۇللېس خەلقئارا ئايرودورۇمىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا سوت قىلىنىدىكەن....
-
08.03.2021
-
08.03.2021