Haber Giriş:
چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 9 – نۆۋەتلىك «ئاسىيانىڭ قەلبى - ئىستانبۇل باسقۇچى» ناملىق مىنىستىرلار كونفېرانسى ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاجىكىستاندا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ھالقىلىق بىر سەۋىيەگە يەتكەن بىر پەيتتە، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبەدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاننىڭ...