Haber Giriş:
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – رۇمىنىيە – پولشا يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 22 – 23 – ئاپرېل كۈنلىرى رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۈكرەشتە چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – رۇمىنىيە – پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 2016 – يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىنغا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى....