Haber Giriş:
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا مەكتەپلەرگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ھەممىنى چۆچۈتتى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردە بومبا تەھدىتى بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلگەنكدىن كېيىن ئۇقۇ – ئوقۇتۇش ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارايېۋو كانتون ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىرزا خادزىئابدىچ، «ئەتىگەندە سارايېۋودىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بومبا تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ساقچى دائىرىلىرى مەكتەپلەردە زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق مەكتەپلەرگە بومبا تەھدىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، سارايېۋودىكى بارلىق مەكت...