Haber Giriş:
بىرما باش ئەلچىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانا بىناىسىغا كىرگۈزۈلمىدى

بىرمانىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار دىپلوماتى، دۆلىتىدە يۈز بەرگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بېرما باش ئەلچىسى كياۋ زۋار مىننىڭ ئەلچىخانا بىناسىغا كىرىشىگە يول قويمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زۋار مىنن ئەلچىخانا بىناسىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل دىپلوماتنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىنادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.