Haber Giriş:
بىللىنكېن: «بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۆككەن قاندىن چۆچۈدۇق»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشقا قوراللىق مۇداخىلە قىلىپ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىللىنكېن تىۋىتتېر ھېساباتىدىكى باياناتىدا، «بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۆككەن قاندىن چۆچۈدۇق، مۇستەبىت ھەربىي ھاكىمىيەت ئاز سانلىقلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلماقتا» دېدى....