Haber Giriş:
«5A-تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھى «5A-تۈركسات» ئەنقەرە ۋاقتى 05:15 ئۆتكەندە ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېيپ كاناۋېرال بازىسى (Cape Canaveral) دا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھى بولغان «5A-تۈركسات»، سپېيس ئېكس (Space X) شىركىتىنىڭ 9-فالكون راكېتاسى بىلەن ئالەمگە ئەۋەتىلدى. ئەنقەرە ۋاقتى 4 تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىش، ھاۋارايى سەۋەبىدىن تەخمىنەن بىر سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ، 5 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئەمەلگە ئاشتى....